//East Turkistan Association of Canada – 2025 Picnic

East Turkistan Association of Canada – 2025 Picnic

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك قېرىنداشلار كانادا شەرقى تۇركىستان جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا، 6-ئاينىڭ 21- كۈنى M-62 پۇرۇگىرامى بىلەن يېڭىدىن كاناداغا كەلگەن ۋە تايلاندتىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرىپىگە ئونتارىيو، مونتىرىال، ئوتتاۋا قاترلىق شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش شۇنداقلا ئۆز ئارا تونۇشۇش مەخسىتىدە چوڭ تىپتىكى بىر پائالىيەت قىلىشنى قارار قىلدۇق. M-62 پۇرۇگىرامىسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا كۇچ چىقارغان پارلامىنت ئەزالىرى، مەمەت توختى قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا جەمىيىتىمىز، ۋە جامائەت نامىدىن رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇكاپاتلاش پائالىيىتىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئارلىقنى يىراق كۆرمەي بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.بۇ پائالىيىتىمىزدە ھەرخىل تاماقلارنى تەييارلايمىز. ھىشقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.  بۇ پۇرۇگراممىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا باشتا مەمەت توختىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا ئىشەنگەن كانادادىكى ئۇيغۇر جاماىتىنىڭ ئورتاق كۈش چىقىرىشى بىلەن دەسلەپكى بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز كاناداغا قەدەم قويدى قالغان قېېىنداشلىرىمىزنىڭمۇ پات ئارىدا ئارىمىزغا قېتىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.