//Oct.1 Protest Against the Chinese Communist Regime

Oct.1 Protest Against the Chinese Communist Regime

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كانادادىكى بارلىق شەرقى تۇركستانلىق قېرىنداشلار :
ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان  74 يىللىق قان- ياشلىق ئىشغالىيەت تارىخىغا شاھىت بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز . بىتەلەي ئۇيغۇر خەلقى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھېچبىر مىللەت ياكى قەۋىم ئۇچراپ باقمىغان قەبىھ، يىرگىنچلىك ۋە نامەرتلەرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئېرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۇچار بولماقتا …
ئاللاھ  بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى ، مۇسۇلمان قىلىپ ياراتتى . ئاللاھ زىممىزگە پۇتكەن بۇ سىناقلارنى باتۇرلۇق  بىلەن يېڭىپ،باش ئەگمەس روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن.قولىمىزدىن كېلىشچە خەلقىمىز ۋە ئىمانىمىز ئالدىدا بىر كىشلىلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ  10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى نامايىشقا قاتنىشىشىنى  تەلەپ قىلىمىز.
خىتتاي تاجاۋۇزىغا مەڭگۇ باش ئەگمەسلىك ئىرادىسىنى خىتتايلارغا ۋە كانادا خەلقىگە جاكارلاش مەقسىتدە ئالدىمىزدىكى 10-ئاينىڭ 1-كۇنى (يەكشەنبە ) چۈشدىن بۇرۇن ساات 10 دىن 12 گىچە پۈتۈن كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا خىتتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 2 سائەتلىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋەتەن مىللەت ئالدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرچىدۇر شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن
كانادا شەرقى تۇركىستان جەمئىيتى